قالماقىستاننىڭ پرىزدېنتى دالاي لامانىڭ زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2004.09.28
قالماقىسىتان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان، رۇسىيە تەركىبىدىكى قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزدېنتى كىرسان ئىليۇمجىنوف، تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما نىڭ قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىليۇمجىنوف سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دىگەن، “ ئەلۋەتتە بۇددا دىنىغا ئىشەنگەن بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، بۇنداق زىيارەت تېخى پىلانلانمىدى. قالماقىستان پرىزدېنتى، ئۆتكەن يىلى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغىنىدا، دالاي لاما بىلەنمۇ ئۇچراشقان ئىدى.
دالاي لاما -2002 يىلى قالماقىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغان، ئەمما رۇسيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمى بىلەن دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى چەكلەش مەقسىتىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە دالاي لاماغا ۋىزا بەرمەسلىكى ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتمەكتە. (ئەقىدە)