تۆت ئامېرىكا پۇقراسى جۇمولاڭما ۋەقەسى دە قولغا ئېلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏- يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ شۇئارىنى "بىر دۇنيا، بىر ئۈمىد" دەپ بىكىتكەنلىكىنى ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنى جۇمولاڭما چۇققىسىغا ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، تېبەت خەلقئارا ياشلار تەشكىلاتى 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى، جۇمۇلاڭما چۇققىسىغا چىقىدىغان تېبەت تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا مۇستەقىللىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار "بىر دۇنيا، بىر ئۈمىد، 2008 ‏- يىلىدا تېبەتكە ئەركىنلىك " دېگەن پىلاكاتلارنى چىقىرىپ 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خىتاي دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقان 4 كىشىنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا پۇقراسى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر تېبەت ياشلار تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بار.

تېبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، ھازىر كاتماندودا تۇرۇۋاتقان لاندون تېسوڭ ئەپەندىمۇ، 4 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تېبەتكە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. (ۋەلى)