گەرچە ئاۋسترالىيە يۇقىرى دەرىجىلىكى كېڭەش ئەزالىرى خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر ئايدا ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولىدىغان تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانى رەسىمىي يوسۇندا كۈتۈۋالماسلىقنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد دالاي لاما بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.
دالاي لاما 6 -ئىيۇندىن 16 -ئىيۇنغچە، ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادا زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 5 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئاۋسترالىيە زىيارىتى.
ئاۋسترالىيىدىكى ئازسانلىق پارتىيە رەھبىرى خوۋاردنى ئەيىبلىدى. ئەمما، ، جون خوۋارد 11 يىلىنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولغان دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ خىتايغا قارىشى چىققان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دالاي لامانى ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي قوبۇل قىلىش ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا رەئىسى پاۋل كالۋېرت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئۇ بىر ئۆكتىچى پالاتا ئەزاسىغا يوللىغان مەكتۇپىدا: "بۇنداق خەلقئارالىق سەزگۈر مەسىلىلەردە ھۇشيار بولۇڭ" دەپ يازغان ئىدى.
كانبېررا دىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى دالاي لامانىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.(جۈمە)