خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە


2008.03.15

Lasa-Tank-200.jpg
تىبەت پايتەختى لخاسا كوچىلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاي تانكا ۋە ئارمىيىسى. سۈرەت، 15 - مارت كۈنى تارتىلغان. AFP Photo

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنىڭ مەركىزى لخاسا شەھىرىدە باشلانغان، شەنبە كۈنى تىبەتنىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭەيگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە باشلاتقان نامايىشلار، داۋاملاشماقتا.

بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ۋە نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا شۇنىڭدەك شۋېتسارىيە ۋە نىپالدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا، يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، نېپال شۋېتسارىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار جەريانىدا، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى، شەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان جىددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ۋە ۋەزىيەتنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئۈچۈن تىبەتكە دەرھال بىر ۋەكىل ئەۋەتىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى، تەلەپ قىلدى.

بۇ ئارىدا، خەلقئارادا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەر كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەتسى پېلۇسى، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. جۈمە كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلەب، تىبەت پۇقرالىرىنىڭ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەنبە كۈنى، شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىل بېلد، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەب، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا تولۇق ھۈرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتتىكى ۋەقەلەردە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەسىلىلەرنى سۆھبەت يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكرات پارتىيىسى نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولغان باراك ئوباما بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەب، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.