توكيو شەھەر باشلىقى، خىتاي ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ كۆرسەتتى


2004.10.03

ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھەر باشلىقى ئىشىخارا سىنتارۇ، خىتاي ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى بەزى ئارالارغا ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلغانلىقىنى تەنقىتلىدى. ئىشاخارا سىنتارۇ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە مۇداپىئە قۇرۇلۇشۇنى كۈچەيتىشى كېرەك، يادرو قوراللارغا ئىھتىياج يوق، بىراق ياپونىيە ئۆزىنىڭ دېڭىز، ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىگە يول قويماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، ياپونىيەنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەركىتىنى ئاقلاپ، بۇ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىتىنى غەرپ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەركىتى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ياپونىيەنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كېڭەيمىچىلىگى مۇناسىۋېتى بىلەن خوشنىلىرىدىن ئەپۇ سورىشى ھاجەتسىز دەپ قارىغان.

ئامما بۇ مەسىلە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى توكيۇ دائىرىلىرىدىن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتايغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئىشىخارا سىنتارۇ، ئوڭ قانات ياپونىيە مىللەتچىلىرىنىڭ پىشۋاسى، شۇنداقلا ياپونىيەدە ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى نۇتۇقلىرى بىلەن نام چىقارغان. سىنتارۇ، ياپونىيە تاشقى سىياسەتتىكى ئامېرىكا ھامىلىقىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.