ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىنى چەكلەش پىلانىنى ئېلان قىلدى


2005.04.06

ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كۆپ مىقداردا كىرىشىنى جىددىي توسۇش مەقسەت قىلىنغان يېڭى پىلانىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسسارى پېتېر ماندېلسون چارشەنبە كۈنى بريۇسسېلدا بۇ پىلاننى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ناۋادا خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ئۆتكەن يىلدىكى سەۋىيىدىن 10٪ ئېشىپ كەتسىلا، بۇنىڭ ئۈستىدىن دەرھال مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە بېيجىڭ بىلەن بۇ ھەقتە غەيرى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندە ئىمزا قويغان كېلىشىمدە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ كۆپ مىقداردا كىرىشىگە قارىتا، ئۆزىنى قوغداش خاراكتېردىكى چارىلەرنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ماللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى يېقىندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي چارە قوللىنىپ، خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.