ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى


2005.05.17

ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا تۆكمە قىلىنىشىنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىشىنى، بولمىسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئىككى تۈردىكى توقۇمىچىلىق مالغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسسارى پېتېر ماندېلسون يەنە، خىتاي بىلەن پاختا مايكا ۋە كەندىرلىك توقۇلما مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئەگەر خىتاي 90 كۈننىڭ ئىچىدە ھېچقانداق چارە قوللانمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئالدىغا چەكلىمە قويىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئىمپورت ماللىرى ئۈستىدىن يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىۋاتقان توقۇمىچىلىق ماللىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ھەتتا بۇ يىل 1 - ئايدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە 534٪ ئاشقان.

ياۋروپا بىرلىكى بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىشتان، پاختا مايكا ۋە ئىچ كىيىم قاتارلىق3 تۈردىكى توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.