ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ تۆت خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى
2005.05.19
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدىگەن سودا ئىختىلابى كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان، پاختا رەختتىن ئىشلەنگەن كۆينەك، ئىشتان ۋە ئىچ كىيىملەرگە بىردەك سان چەكلىمىسى قويغان ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى يەنە تۆت خىل خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويغان بولۇپ، بۇلار ئەرەنچە كىيىم- كېچەكلەرگە ئىشلىتىدىغان پاختا رەختلەر، سۈنئىي تالادىن ئىشلەنگەن كۆينەك، ئىشتان ۋە يىپ بۇيۇملار ئىكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتېرىس ، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق چەكلىمە قويۇشىنىڭ ئامېرىكىدىكى توقۇمىچىلىق بازىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، 31 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان دۇنيا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سان چەكلىمىسى بۇ يىل 1 - ئايدا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تېز كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنى خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى سۆھبەت ئارقىلىق ئىختىلابنى ھەل قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويدى
- دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- فرانسىيە: خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە
- بېيجىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى