خىتاي، توقۇمىچىلىق ماللىرىغا بولغان ئېكىسپورت بېجىنى ئۆستەردى
2005.05.20
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ، 74 خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت بېجىنى 4 ھەسسە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ماجراسىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ قارارنى خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان. تېخى بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئامېرىكىغا كىرىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ 3 تۈردىكى توقۇمىچىلىق مېلىغا چەكلىمە قويغان ئىدى.
ئامېرىكىدىن سىرت يەنە، خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ تەھدىتىگە ئېغىر ئۇچرىغان ياۋروپا بىرلىكىمۇ، خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئويلاشماقتا. خىتاي ماللىرىنىڭ بۇ رايونلارغا كۆپلەپ كىرىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىل، 31 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان خىتاي توقۇمىچىلىق مېلىغا قارىتىلغان خەلقئارا چەكلىمىسىنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا بىكار قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېكىسپورت بېجىنى ئۆستۈرۈش قارارىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى ئەيىبلەپ، بۇنى، بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا چىقىرىلغان، ئادىل بولمىغان ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىسا، بۇ مەسىلە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سودا ماجرالىرىنى شۇ دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ تۆت خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويدى
- دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- فرانسىيە: خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە