خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان يېڭى چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى


2005.07.24

خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارشى يولغا قويغان يېڭى چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق بېسىمى سەۋەبىدىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەن ئىدى.

خىتاي سودا مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چۇڭ چۈەن، مەزكۇر مىنىستىرلىقىنىڭ توربىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يۇڭ كىيىم - كىچەكلەرگە چەكلىمە قويۇش قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

چۇڭ چۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشى پىلانلانغان يېڭى چەكلىمىلەر ئەركىن سودا قائىدىلىرىگە خىلاپ ئىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 7 تۈرلۈك توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىغا قايتىدىن چەكلىمە قويغان ئىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ چەكلىمىلەر، بىرىنچى يانۋار كۈنى خەلقئارادا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن شۇنداقلا، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن بىر كۈن كېيىن يولغا قويۇلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى ئۆزگىرىش، خىتاي توۋارلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بازىرىدىكى باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىشتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە، خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بازارلىرىغا ئېقىشىنى ئازايتىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.