ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەندېلسون سەيشەنبە كۈنى، خىتايدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىقىرىلىدىغان توقۇمىچىلىق ماللىرى سانىنىڭ يىللىق چەكلىمىگە يېتىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەندېلسوننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بىرلىكتە خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ئېكىسپورت ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش كېلىشىمىگە قول قويغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئېكىسپورت سودىگەرلىرى مەزكۇر كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن كۈچىنىڭ بارىچە ماللىرىنى ئېكىسپورت قىلىۋالغان. شۇڭا بۇ يىل ئاخىرلاشماستىنلا، بۇ يىللىق ئېكىسپورت چەكلىمىسى توشۇپ قالغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 25 دۆلەت ۋە خىتاي بۇ يىل 6 - ئايدا كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا خىتايدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىدىغان ئەرەنچە ئىشتاننىڭ سانىنى 140 مىليون دانە قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.
بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ماللىرى ياۋروپادا تۆكمە قىلىپ سېتىلغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي چارە قوللىنىپ خىتاي ماللىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)