ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىدى
2005.08.24
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن توقۇمىچىلىق ماللىرى ماجىراسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە سۆھبەت باشلىدى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى يىللىق چەككە يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە نۇرغۇن خىتاي ماللىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاموژنىسىدا توسۇپ قېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا بولغان ئىمپورت مىقدارىنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنىسىدا، بىر خىتاي سودىگىرىنىڭلا 15 مىليون دانە مايكىسى تۇتۇپ قېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ياۋروپادىكى خېرىدارلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپاغا زور تۈركۈمدە تۆكمە قىلىنىشى سەۋەبىدىن، بۇ يىل خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويغان ئىدى. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە كېلەر يىللىق ئىمپورت ماللىرىنىڭ چەكلىمىسىنى بەلگىلەيدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ماجراسى مەسىلىسىدە يېڭى سۆھبەت باشلىدى
- خىتاينىڭ ياۋروپاغا چىقىرىدىغان توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ يىللىق چېكى توشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان يېڭى چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى خىتاينى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى