خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرى ھەققىدىكى سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان توقۇمىچىلىق ماللىرى ھەققىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ يەنە ئىككى خىل تۈردىكى توقۇمىچىلىق ئىمپورت ماللىرىغا چەكلىمە قويدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لوننارد بۇ خەۋەرنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا كېلىشىمىنى يول قويۇشتىكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ، ئامېرىكا سانائىتىنى بازاردا ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە قىلغۇزۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، "خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ئىمپورتىنىڭ ئېشىشى، ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتىگە ئېغىر زىيان سالدى. ھەتتا بۇ ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە ، كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىگە ئېكىسپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئارقىغا تارتىپ كەلدى. ئامېرىكا چەكلىمە قويغان بۇ ئىككى تۈردىكى خىتاي ئىمپورت ماللىرى بولسا، يىپلىق رەخت ۋە ئىچ كىيىملەر ئىكەن. (پەرىدە)