ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا كېلىشتى
2005.09.05
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن، ياۋرۇپا پورتلىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئون مىليونلىغان خىتاي كىم - كېچەكلىرىنى ياۋروپاغا كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى فرانكوز لى بيل، بريۇسسېلدا، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ياۋرۇپا تاموژنىلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسىدە كېلىشتى، دېدى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاموژنىلىردا 75 مىليون ئەتراپىدا خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم- كېچەك تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئىيۇن ئېيىدا خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئىشىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.
توقۇمىچىلىق سانائىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2006 - ۋە 2007 - يىللىرى ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتمىغىچە، خىتاينىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىغا قارشى تۇرغان.
بۇ يىل ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، -1 ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتى ئۈستىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرگە قاراتقان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى ئېكسپورتى ھەددىدىن زىيادە كۆپەيدى. گەرچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىكىسپورتى توغرىسىداتوختام تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرى ھەققىدىكى سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ماجراسى مەسىلىسىدە يېڭى سۆھبەت باشلىدى
- خىتاينىڭ ياۋروپاغا چىقىرىدىغان توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ يىللىق چېكى توشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان يېڭى چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى