بېيجىڭ خىتاي - ئامېرىكا توقۇلما مەھسۇلاتلار سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان خىتاي - ئامېرىكا توقۇلما مەھسۇلاتلار سۆھبىتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇلما مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش بويىچە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئامېرىكا تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، "جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز ھەر قانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

سۆھبەت پەيشەنبە كۈنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دەيۋىد سپۇنىر بايانات ئېلان قىلىپ، "بىز ئامېرىكا توقۇمىچىلىق كارخانىچىلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدۇق " دەپ ئەسكەرتىپ، سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئارىدا ئامېرىكىدىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە 40 دەك ئىشچىلار تەشكىلاتى، بۇش ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى پۇل كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، جۇڭگو ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمى پەيدا قىلىشنى قوغلاشمايدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلغان. (ئەركىن)