دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
2005.05.10
سەيشەنبە كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ تەسىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىگە قارشى چىققاندىن كېيىن، خىتاي ۋەكىللەر بىلەن تۈركىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن رەئىسى فىنلاندىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئەمەلدارى ۋىسا تىپانى خىمانەن، يىغىننى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا تۈركىيە بىلەن ئىئوردانىيە، توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ "تەسىرلىرىنى، مەسىلىلەر ۋە پىلانلار" نى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپنى شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنۇس ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۇ يىل 1 - ئايدا توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئېكسپورت ھەجىمى شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. بۇ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتىغا تەسىر يەتكۈزگەن.
خىتايلار ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ تەسىرلىرىنى غەيرى رەسمى يىغىنلاردا مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رەسمى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە قارشى چىققان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسارى پېتىر ماندىلسون، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرمەكتىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فرانسىيە: خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە
- بېيجىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەنقىد ۋە تالاش- تارتىشتىكى جەنۋە يىغىنى ئاخىرلاشتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىنى چەكلەش پىلانىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى