سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە
2005.01.03

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش قىسىملىرى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بىلەن سۇنامى ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق ياردەم بويۇملىرىنى يەتكۈزۈشكە كىرىشتى. بىراق، سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئۇرغان رايونلار ھازىرغىچە ئاپەت تەسىرىدىن لاي- لاتقىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بۇ جايلارغا قونۇشى تەس بولدى. شۇ سەۋەپتىن ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كارتون يېشىكلەرگە قاچىلانغان ياردەم بويۇملىرىنى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىن ئاپەت زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە تاشلاپ بەردى.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپى بالىلار
سەككىز كۈن ئاۋال ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن شەكىللەنگەن دېڭىز دولقۇنى ھىندى ئوكيان بويىدىكى رايونلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئاپەت تەسىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ھازىر 150 مىڭغا يېقىنلاشتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كىچىك بالىلار بولۇپ، ئاپەت تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ھىندونېزىيەدىكى دوختۇرخانىلار يارىلانغان بالىلارغا توشۇپ كەتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاپەتنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىغۇچىلار بولسا، يەنە بەزىلىرى سەككىز كۈندىن بېرى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك سۈيىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كەتكەنلەر ئىكەن.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئازاپ چەكمەكتە

ھىندونرزىيىدىكى نياك دېن دوختۇرخانىسىنىڭ بىر نەپەر دوختۇرى بۇ ھەقتە، بالنىستىكى بىمارلارنىڭ ھازىر ئۆپكە ياللۇغى، ئۇستىخىنى سۇنۇش ۋە يارىلانغان جايلار ياللۇغلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش تۈرلۈك كېسەل ئازاپلىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوختۇر چېئو سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە نۇرغۇن بالىلارنىڭ يارىسى قايتا ياللۇغلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا ئانتى-بىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇشتىن سىرت، ھەتتا بەزىلىرىنى ئاپىراتسىيە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندونېزىيە ئۆزىدىلا ئاپەت تەسىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىر 94 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ يەردە يەنە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن كىشى يىمەك-ئىچمەككە ئېھتىياجلىق بولماقتا. ئەمما ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان ٪ 90 رايونلارنىڭ قاتناش يوللىرى ۋە ئايرۇدۇرۇملىرى ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جايلارغا ياردەم بويۇملىرىنى ئەۋەتىش ئىشلىرى تېخىمۇ تەسكە توختىماقتا.
خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ياردىمى
بۇ ئارىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشقا باشلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 500 مىليون ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بولدى. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەنبە كۈنى دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتلەرنىڭ بېرىشكە قوشۇلغان ياردەم سوممىسىنىڭ نۆۋەتتە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ چاقىرىقى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سىرت، ئامېرىكا خەلقىمۇ ھازىر ئارقا-ئارقىدىن ئاپەت رايونلىرىغا پۇل ۋە بويۇملارنى ئىئانە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ئامېرىكا خەلقىنى داۋاملىق ئىئانە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
بۇش سۆزىدە، ئامېرىكا خەلقىنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە پۇل ۋە ئىئانە بويۇملىرىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭ ئاپەت رايونلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ئېھتىياجلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقنى ئىئانە قىلىشقا ئۈندەش پائالىيىتىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن بىل كلىنتون ۋە جورج بۇش قاتنىشىدىكەن.
ئامېرىكا ھال سوراش ئۆمىكى يولغا چىقتى
بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇشنىڭ ئىنىسى فلورىدا شىتات باشلىقى جېب بۇش (Jeb bush ) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا قاراتقان ھال سوراش سەپىرىنى باشلىدى. ئۇلار بۇ قېتىملىق سەپىرىدە تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە سرىلانكىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ھال ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىكەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن " ئۇ يەرنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم" دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا يەنە، كولىن پوۋېل ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ھەپتە جاكارتادا ئېچىلىدىغان ئاپەت رايونلىرىدىكى قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى
- ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى
- جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەر تەۋرەشتە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى