سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
2004.12.30
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تىز ئۆرلەپ، 125 مىڭغا يەتتى. ھىندونېزىيىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىلا پەيشەنبە كۈنى تېز ئېشىپ، 80 مىڭغا يېقىنلاشقان.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپەتتە ھازىرغىچە 125 مىڭ ئادەم ئۆلگەندىن سىرت، يەنە بەش مىليوندەك كىشى يىمەك- ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياج بولماقتا. قۇتقۇزغۇچى خادىملار، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا دورا، ئىچىملىك سۇ ۋە يىمەكلىكنىڭ كەمچىللىكىدىن، قازا تاپقانلار سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ياردەم بويۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ بۇ ئارىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تازىلىق مەسىلىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن، ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. نۆۋەتتە 60 دىن ئارتۇق دۆلەت ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا دەسلەپكى قەدەمدە 220 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشقا چاقىرىدىغان قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.(ئارزۇ)