خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
2004.12.31
خەلقئارا جەمئىيەت ھىندى ئوكيان ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتمەكتە. كانادا ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن ئالىدىغان قەرزىنى كېچىكتۈردى. ئامېرىكا دېڭىز، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىيادىلەر قىسىمى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ماڭدۇردى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كولىن پوۋېلل باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. ئامېرىكا ھازىرچە 35 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق كولىن پوۋېلل، ئامېرىكىنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيىدە پۇقرالار 40 مىليون فوند ستېرلىڭ پۇل توپلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، 300 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 60 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايلار 2.5 مىليون دوللار ياردەم قىلغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. دۇنيا بانكىسى 250 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۈگۈنگىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمى 500 مىليون دوللارغا بارغان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 14 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىرغىچە 120 مىڭدىن ئاشقان، ھىندىنوزىيىنىڭ ئۆزىدە 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە كىشى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)