كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2005.01.02
ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي ئاسىيادا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاران ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ نۆۋەتتىكى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئون نەچچە دۆلەتتە ئوخشاشلا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قۇتقۇزۇش بويۇملىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي توشۇلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق يامغۇر ۋە قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى تۆپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ ياردەم بويۇملىرىغا ئېرىشىشى تەسىرگە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھىندىنوزىيىنىڭ ئاچې ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدە قامىلىپ قالغان كىشىلەرگە تۈنجى قېتىم ئاشلىق ۋە بىر قىسىم جىددىي بويۇملارنى يەتكۈزگەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار بىر ھەپتىدىن بويان سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ئاچې ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھىندىنوزىيىدە بىر مىليون ، سېرلانكىدا 700 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى قۇرغىچە بولغان بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئاشلىق ۋە باشقا ياردەم بۇيۇملىرىغا جىددى مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى ئاپەتكە جىددى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھازىرغىچە 2 مىليارد دوللاردەك ياردەم پۇلى بەرگەن.
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھىندى ئوكياندىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتى، ئەتراپتىكى رايۇنلاردا 130 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەسئول خادىمى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 150 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا يەنە، ئاپەتتە ئەمىلىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ مەڭگۈ ئېنىقلانماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى نۇرغۇن ئادەملەرنى دېڭىز يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى
- ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى
- جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەر تەۋرەشتە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى