سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى

ھىندى ئوكياندىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى دېڭىز دولقۇنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۈشەنبە كۈنى 145 مىڭغا يەتتى. ھىندىنوزىيىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھازىرغىچە سۇماترا ئارىلىدا 95 مىڭ پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ھىندونېزىيە دائىرىلىرى، ئۆلگەنلەرنىڭ 100 مىڭ يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سرىلانكىدا ئۆلگەنلەر 30 مىڭغا يەتكەن، ئىز - دېرىكى يوقلارنىڭ سانى 6 مىڭ بولۇپ، ھىندىستاندا 15 مىڭ مىڭ پۇقرا ئۆلگەن، 6 مىڭ پۇقرا ئىز - دېرەكسىز يوقالغان. تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 5 مىڭ، دەپ ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ 2 يېرىم مىڭىنى چەتئەللىكلەر ئىگىلىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت ئاپەت رايونىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر يېرىم مىليارد دوللار ئىئانە توپلىدى. ياپونىيە 500 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ياردەم سوممىسىنى 350 مىليون دوللارغا كۆپەيتتى. تەيۋەن 50 مىليون دوللار ياردەم قىلغان. خىتايلار 60 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت جورجى بۇش، دۈشەنبە كۈنى سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون ۋە دادىسى جورجى بۇشلار بىلەن ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنى ھىندى ئوكيان ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارغا ئىئانە بېرىشكە چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، يەكشەنبە كۈنى ئاپەت رايونىدىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاپەت ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. كولىن پوۋېل، ئاپەت رايونىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش بىلەن تەڭ، ئاپەت رايونىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى شۇنداقلا قايتا تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.(ئەركىن)