دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
2005.01.04
ھەر قايسى دۆلەتلەر، سۇنامى دەپ ئاتىلۋاتقان دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئاننان " سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن، 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تىلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاننان 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھىندىنوزىيدە ئاپەتكە ياردەم بېرىش ھەققىدە ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
نۆۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 150 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئانناننىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا جەمىيەتلەرنىڭ ئاپەتكە ياردەم بېرىش سوممىسى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ، بۇ سان 2004 -يىلى پۈتۈن دۇنيادىن يىغىلغان ياردەم ئىئانىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. ياپونىيە بۇ قېتىمقى ئاپەت ئۈچۈن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى
- سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە
- كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى
- ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى
- جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەر تەۋرەشتە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى