جاكارتادا ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە جىددى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2005.01.06
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە بېرىدىغان ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، تراگېدىيىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھىندى ئوكياندا دېڭىز دولقۇنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ۋەدە قىلغان ياردەم سوممىسىنى دەرھال ئەمىللەشتۈرۈشكە چاقىرىپ، نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئاز دىگەندە بىر مىليارد دوللار جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەدە قىلغان ياردەم سوممىسى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان. ئەمما ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، ۋەدە قىلىنغان ياردەم سوممىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ناتايىن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زور مىقداردىكى سۇ ، ئاشلىق ۋە داۋالاش بويۇملىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان 11 دۆلەتكە جىددى توشۇلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتى ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەرگە بىر مىليارد دوللار ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ يەنە 460 مىليون دوللار پۇل ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاكارتادىكى يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋىل، ۋاشىنگىتوننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارغا كېتىدىغان قۇتقۇزۇشقا قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن، ياردەمنى يەنىمۇ كۆپەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تايلاندتىكى كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە ھازىرغىچە 150 مىڭ ئادەم ئۆلدى. ئاپەتكە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان ھىندونېزىيە، سىرلانكا، تايلاند ۋە ھىندىستاندىكى ئاھالىلەر يەنىلا ھەر خىل ياردەم بۇيۇملىرىغا جىددىي ئەھتىياجلىق ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پوۋېل سۇنامى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى
- دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
- سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى
- سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە
- كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى