"دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى" سۇنامىدا سىنالدى

2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پۈتۈن دۇنيا خەلقنى ئۈچۈن بىر نەس كۈن بولدى. بۇ كۈندە ھىندى ئوكياندا يەر تەۋرەپ دېڭىز تېشىپ، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادا بىر مۇنچە يېرىم ئارال، ئارال ۋە تاقىم ئاراللار رىۋايەتلەردىكى "توپان بالاسى" دەك شىددەتلىك سۇنامى ئاپىتىدە خاراپ بولدى.

"دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى" سۇنامىدا سىنالدى

خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، ھىندى ئوكيانىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى مارداۋىس ئارىلى بىر مەشھۇر ئارامگاھ ئىدى. ئۇنىڭدا 300 كۋادىرات كىلومېترلىق تېررىتورىيە ئىچىدە 1112 مارجانلىق ئارال بار. بۇ ئارالدا ئەڭ ئېگىز جايلار دېڭىز يۈزىدىن ئاران 2 مېتىر 40 سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. بۇ قېتىمقى سۇنامى تاشقىنىدا مارداۋىسنىڭ 3 تىن 2 قىسمى خاراپ بولدى. بۇ تېررىتورىيە دائىرىسدە 200 دىن ئارتۇق ئارال دېڭىزغا چۆكۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى.

بۇ قېتىمقى سۇنامى مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىن بولغان دۇنيا بويىچە 6 - چوڭ ئارال دەپ ھېساپلىنىدىغان سۇماترا ئاراللىرى ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن 30 مېتىر يۆتكىلىپ كەتكەن. ھىندىنوزىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى ھېساپلىنىدىغان ئاچېي رايونى بۇ قېتىمقى سۇنامى تاشقىنىدا ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا تاپتى. خەۋەرگە قارىغاندا، سۇنامى تاشقىنىدا جېنى ئامان قالغان كىشىلەردىن بىرسى يۇرت ئىچىدە ئادەمزات ئىزلەپ 3 كۈن يول يۈرۈپ بىرمۇ تىرىك ئادەم ئۇچراتمىغان.

ۋاھالەنكى، بۇ قېتىم شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى سۇنامى دېڭىز تاشقىنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان كونكېرت جايلاردا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى دېگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىدى. "دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق" دېگەن نەرسە خەلقنى قۇتقازمىدى. ھەتتا "كائىناتقا قارشى كۈرەش قىلىش، يەر-زېمىنگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئادەملەرگە قارشى كۈرەش قىلىش چەكسىز خوشاللىق" دەيدىغان، "تاغۇ -دەريا بىزگە باش ئەگسۈن" دەيدىغان ماۋ زېدوڭچىلار ئۆزلىرىمۇ سۇنامىدىن قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقى مۇقەررەر.

دېمەك، سۇنامىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ، خۇددى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى تەسۋىرلىگەندەك، پۈتۈن دۇنيادىن يەنە شۇ سۇنامى تاشقىنىدەك تىزلىكتە ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم كەلدى. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلاردىكى خەلقتە ۋە دۇنيا خەلقىدە "دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇقەددەس" دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە يېڭىچە ھېسىيات ۋە چۈشەنچە پەيدا بولماقتا.

سۇنامىنى توسالمىغان "ئىگىلىك ھوقۇقى" كەلگەن ياردەمنىمۇ توسالمىدى

لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم سۇنامى تاشقىنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا دۇنيادىن بىۋاستە ياردەم كەلدى. كەلگەن ياردەمگە "دۆلەت چېگرىسى"، "دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى" دېگەن ئۇقۇم كاشىلا قىلالمدى. ئامېرىكىنىڭ 12 مىڭ ئەسكىرى بىر ئاۋىئاماتكا، بىرنەچچە ھەربىي پاراخوت، 20 ئايروپىلان بىلەن ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن سۇنامىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا بىۋاستە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. ياپونىيىنىڭ 800 ئەسكىرى ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن بىۋاستە تايلاندقا باردى. ياردەم بېرىۋاتقان بۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەرمۇ بار.

مۇشۇ كۈنلەردە ، دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلققە تەزىيە بىلدۈرۈپ دۆلەت بايرىقىنى نەچچە كۈنگىچە يېرىم چۈشۈردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىكى خەلق ئالدىئا ئۆز دۆلىتىنىڭ ياكى باشقا بىر مىللەتنىڭ دۆلىتىنىڭ "دۆلەتنىڭ مۇقەددەس ئىگىلىك ھوقۇقى" ، "تېررىتورىيە"، "چېگرا" دېگەنلىرىنىڭ تامامەن ئەھمىيەتىسز نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى. ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە "دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇقەددەس" دەپ ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ھازىر ئەڭ باي دۆلەت قاتارىغا كىرىۋاتىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتايدا بولسا "يېڭى يىل خوشاللىقى" دېگەن نام بىلەن پانۇس ئېسىپ، ناغرا سۇناي چېلىش، شىر ئوينىتىش داۋاملاشتى. بېيجىڭدىكى خۇئايرېنتاڭ سارىيىدا پانۇس يورۇقىدا قەدەھ كۆتۈرۈش، خوشلىقى ئىچ- ئىچىگە پاتمىغان كۈلكە ۋە بەزمىلەر دۇنياغا ئاڭلىنىپ تۇردى.

سۇنامىدىن كېيىن بىر - بىرىگە قارشى كۈچلەرمۇ ئۇرۇش توختىتىپ خەلقنى بىر قۇتقۇزۇشقا باشلىدى

لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيىنىڭ ئاچېي رايونىدا 1976 - يىلىدىلا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى باشلانغان ئىدى. دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسىلا قارشىلىق كۆرسىتەتتى. سىرىلانكىدا تەيمىر يولۋىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات 1972 - يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەت ياكى رايونلاردا سۇنامى ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئۇلارنىڭ ھېچقايسى خەلقنى قۇتقۇزالمىدى. بەلكى ئۇ جايلاردىكى بىر - بىرگە مىلتىق بىلەن جاۋاب بېرىشتىن ئۆزگىنى تاللىۋالمىغان ھەر ئىككى تەرەپتىن ئاپەتتە ئامان قالغان كىشىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئوخشاش ئويغىنىپ، بىر- بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا بىللە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بولسا ئۆزى قۇمغا كۆمۈلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇخ كەلگەندىمۇ يەنە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا "ئىگىلىك ھوقۇقى" بارلىقىدىن ۋاز كەچمەي، ھەتتا تەيۋەندە يەر تەۋرىگەندىمۇ يەنىلا ئۇ جايدىكى خەلققە "ئىگىلىك ھوقۇقى" نى تەكىتلەپ تەھدىت سالدى. بۇ قېتىم سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا تەيۋەن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلسا، يەنە تەيۋەنگە " ئىگىلىك ھوقۇقى" بارلىقىنى تەكىتلەپ تەھدىت سالدى، ھەتتا تەيۋەن ئىئانە قىلغان پۇل سانىنى ئۆزىنىڭ ھېساۋىغا قېتىۋالدى. (ۋەلى)