ھىندى ئوكياندىكى يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە قاتتىق ئۇچرىغان ھىندونېزىيە ۋە سېرلانكىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، مەزكۇر دۆلەتلەردە ياردەمدە بولىۋاتقان چەتئەل خادىملىرىنى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى بىر قىسىم قوراللىق كىشىلەر ھىندونېزىيىدىكى ئەڭ چوڭ قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوق چىقارغان. ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈپ - يارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەر كۈچەيگەن. سېرلانكىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىمۇ خىرىستىيانلار ۋە ھىندىلار ) ھىندۇس( ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، 37 ئادەم يارىلانغان.
بىراق قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنە داۋاملىق بۇ رايونلارغا يىتىپ كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. بۇ ئارىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان سېرلانكىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى زىيارەت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە زىيارەتتە بولغان دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا بىر مىليارد بەش يۈز مىليون دوللار پۇل ئاجرىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش يولىدا ۋەدە قىلغان ياردەم پۇلى بەش مىليارد دوللاردىن ئاشتى. دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن ئاساسلىق دۆلەتلەرمۇ بىرلىكتە كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە يەنە نەچچە مىليارد دوللار پۇل تىجەپ بەرگەن.
ئىككى ھەپتە ئاۋال يۈز بەرگەن ھىندى ئوكياندىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە 153 مىڭدىن ئاشقان. سەھىيە ئەمەلدارلىرى، ۋەقەدە بەختىگە يارىشا قۇتۇلۇپ قالغانلارئىچىدە، يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنالماسلىقى ۋە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)