تەيۋەن ، خىتاينى ئاپەتكە ئۇرچرىغانلارغا ياردەم يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى
تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈي شيۈ ليەن دۈشەنبە كۈنى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تەيۋەننىڭ ھەربىي ئايروپىلان ۋە ھەربىي قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، سۇنامى قۇربانلىرىغا ياردەم يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ھىندونېزىيە ۋە تايلاندغا يىمەكلىك، تىببىي ئەشيالار ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەيۋەن ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرى بىلەن يۆتكەشنى تەكلىپ قىلغان.
لېكىن تەيۋەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەيۋەن ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى مەزكۇر دۆلەتلەرگە يۆتكىشىگە قوشۇلمىغان . ئەمما ھىندونېزىيە ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرى ياردەم ئەشيالىرىنى تەيۋەن ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرى بىلەن يۆتكەشنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى رەسمىي ئېنىقلىمىدى.
تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈي شيۈ ليەن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تەيۋەننىڭ ھىندونېزىيىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان لارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بىر يىغىنغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ ياردەملەرنى تىز يەتكۈزۈش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنى رەت قىلىشى ئۈچۈن ھىندونېزىيە ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- جاكارتادا ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە جىددى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- پوۋېل سۇنامى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى
- دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
- سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى
- سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە
- كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى