بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى، جەنۋەدە سۇنامى ئاپىتىگە ياردەم بېرىش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتكە ياردەم بېرىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارادىكى ئەڭ مەشھۇر بوغالتىرلىق مەركىزىنى، مەخسۇس ئاپەتكە ياردەم بېرىش ئىقتىسادىغا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ياردەم ئۈچۈن يىغىلغان پۇللارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى ۋە ھەتتا خىيانەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر قولىدا بار بولغان نەق پۇللارنى دەل جايىغا ئىشلىتىش پىلانىغا ئىگە ئىكەن، بىراق بىر كۈن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1996 - يىلى ئىراقتا قوزغىغان نېفىتنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇش خىزمەت پىلانىدا باشقۇرۇش ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.