ھىندونېزىيە، ئاپەت رايونىدىكى چەتئەل قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
2005.01.12
ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ياردەم ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان چەتئەل قىسىملىرى ۋە ژورنالىستلار 3 ئاينىڭ ئىچىدە ئاچې رايونىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرى باشلىقى بۇدى ئاتماجى، ئاچې رايونىدا مۇستەقىلچى كۈچلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ ھازىر بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، شۇڭا چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
سۇنامى ئاپىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مالايسىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ رايوننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن ئىدى.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن ئاچې رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كەلگەن بولۇپ، سۇنامى ئاپىتىدىن ئىلگىرى بۇ رايونغا چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئاپەت سەۋەبى بىلەن چەتئەل ياردەم قوشۇنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلدى.
بۇ ئارىدا ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش، تازىلاش، جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەيران بولغان قاتناش يوللىرىنى قايتا ياساش ئىشلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارانىڭ ئاشلىق، كىيىم-كېچەك ۋە داۋالاش بويۇملىرىغا ئوخشاش ياردەم بويۇملىرى بۇ رايونغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرمەكچى بولغان دۆلەتلەرنى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- تەيۋەن ، خىتاينى ئاپەتكە ئۇرچرىغانلارغا ياردەم يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى
- ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- جاكارتادا ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە جىددى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- پوۋېل سۇنامى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى
- دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
- سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى
- سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە