تۈركىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ رەئىسى كۇرد توپىلاڭچىلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىنى غەلىبىلىك بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.12.17

17- دېكابىر دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ رەئىسى تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى شىمالى ئىراق چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان كۇرد توپىلاڭچىلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىنى غەلىبىلىك بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شامىلىي ئىراقتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تۈركىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ كۇرد كەنتلىرىنى بومبىلاپ بىر ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يۈزلىگەن ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھەربىي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پەقەت كۇرد توپىلاڭچىلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىنىلا بومباردىمان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىر شىمالىي ئىراق چېگرىسى ئىچىدە 3مىڭغا يېقىن كۇرد توپىلاڭچىلىرى يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىيۇندا بۇ رايونغا جايلاشقان كۇرد قوراللىق كۈچلىرى تۈركىيە ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قوزغاپ 7 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە شىمالىي ئىراق چېگرىسى ئەسكەر توپلىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر تۈركىيىنىڭ شىمالى ئىراق چېگرىسىدا 100مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنى بۇيرۇق كۈتۈپ يېتىۋاتقان بولۇپ، ھەر زامان ئىراق چېگرىسى ئىچىگە بېسىپ كىرىپ كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغاشقا تەييار تۇرماقتا ئىكەن.

تۈركىيە ئارمىيىسى 16- دېكابىر كۇردلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، جەمئىي 50 كۈرەشچى ئايروپىلاننى، ۋە يەر يۈزدىنمۇ مەلۇم ساندا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ كۇردلارنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەرگەن.

بۇ يىل ئىيۇندا كۇرد قوراللىق توپىلاڭچىلىرى تۈركىيە ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرك ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، خەلق "تۈركىيە چوقۇم كۇردلارغا ھۇجۇم قوزغاپ ئىنتىقام ئېلىشى كېرەك" دەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.