تۈركىيىلىكلەر رۇس ساياھەتچىلىرىدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى


2007.09.23

ھەر يىلى ياز مەزگىلى تۈركىيىنىڭ ساياھەت ئالتۇن ۋاقتى بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىرىمىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ساياھەتچىلىكتىن كىرىدۇ. خەۋەرلەردىن قارىغاندا تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە قاتارلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىغا ھەر يىلى ياۋروپا مەملىكەتلىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن ناھايىتى كۆپ ساندا ساياھەتچىلەر كېلىدۇ.

بۇ يىل رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە ساياھەتچىلىرى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاناتولىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى مېھمانخانىلار ئۇلار بىلەن تولغان. ئەلۋەتتە، بۇ تۈركىيە ساياھەت سودىگەرلىرى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى خاپا قىلىدىغان يېڭى ئىشلار يۈز بەرگەن. چۈنكى، رۇسىيىلىك ۋە ئۇكرائىنىيىلىكلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ، مېھمانخانىلارنى ئىگىلىشى بىلەن ياۋروپادىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، ياۋروپالىقلار رۇسلار بىلەن بىر يەردە ياكى يېقىن تۇرۇشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى، ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر رۇسىيىلىكلەرنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىشىنى ۋە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى ياقتۇرمايدىكەن.

ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر ئاناتولىيىنىڭ كونا ۋە كۆپ پۇل خەجلەيدىغان ھەم تىنچ خېرىدارلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە مېھمانخانا ئىگىلىرى رۇسىيىلىكلەرگە ئورۇن بېرىشنى قىسقارتقان.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيىلىك ساياھەتچىلەر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا دائىم ھاراق ئىچىپ مەس بولىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىدىكەن. 20-سېنتەبىر كۈنى 31 ياشلىق بىر رۇس ساياھەتچى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىكى چۈشكەن ئۆيىدە كېچىچە ھاراق ئىچىپ، ئاخىرى قىپ- يالىڭاچ ھالدا كارىدورغا چىقىپ، ۋارقىراپ يۈرگەندىن كېيىن ئىككىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن. بۇ ۋەقە ئاناتولىيىنى زىل-زىلگە سالغان.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ساياھەتچىلىرى ئارىلىق كۆپ ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشىدۇ. ھەر كۈنى توختاۋسىز كېلىدىغان بۇ ساياھەتچىلەر تۈركىيىگە كېلىپ تۈرلۈك ماللارنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە دەم ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن تۈرك شىركەتلىرى رۇسىيىدە سودا قىلىدۇ.( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.