ۋەتەن گېزىتى: خىتاي دۆلىتى تۈركىيىنى ئالدىۋەتتى


2008.01.15

تۈركىيىدە چىقىۋاتقان "ۋەتەن" گېزىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدا "خىتاي دۆلىتى تۈركىيىنى ئالدىۋەتتى" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خىتايلار تۈركىيىگە بىر مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىمىز دەپ توختامنامە تۈزدى. كېيىن ۋارياگ كېمىسىنى قارا دېڭىزدىن خىتايغا ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قالدى. ئەمما، تۈركىيە رۇخسەت قىلماي تۇرىۋالدى. بۇ ۋەقە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كرىزىس ياراتقان ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن بىر مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، خىتايلار بۇ بۈيۈك كېمىنى كۆڭۈل ئېچىش كېمىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان تەقدىردە، خىتاي دۆلىتى تۈركىيىگە 1 مىليون خىتاي ساياھەتچىسى ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ۋارياگ كېمىسىنى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايلار بۇ كېمىنى 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان ئىدى. خەۋەردە خىتايلارنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان:

خىتايلار ۋەدىسىدە تۇرمىدى. كېمە خىتايلار دېگەندەك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىدى. خىتايلار تۈركىيىگە ساياھەتچىمۇ ئەۋەتمىدى. ۋارياگ كېمىسى يېڭىدىن رېمونت قىلىندى، يېڭى ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئاۋىئاماتكىسىغا ئايلاندۇرۇلدى. ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىسمى "شىلاڭ" دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، "شىلاڭ" تارىختا تەيۋەننى بېسىۋالغان بىر گېنېرالنىڭ ئىسمىدۇر.

1985-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن بۇرۇن ۋارياگ كېمىسى ئۇكرانىيىگە بېرىلگەن بولۇپ، 1998-يىلىدا ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شاڭگاڭدىكى "چوڭلوت" ئىسىملىك ساياھەت شىركىتىگە 20 مىليون دوللارغا سېتىلغان. كېيىنچە "چوڭلوت" شىركىتىنىڭ بولسا خىتاي ئارمىيىسى باش شىتابى قۇردۇرغان بىر شىركەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. خەۋەردە تۈركىيىنىڭ ۋارياگ كېمىسىنى ھەربىي كېمە دەپ بوغۇزدىن ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما خىتايلار بولسا كېمىنىڭ ماتورى يوق دەپ يالۋۇرۇپ ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان. ھازىر خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىئاماتكىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى يېزىلغان. بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتر، ئېگىزلىكى 73 مېتر، ئېغىرلىقى 33 توننا، 21 ئۇرۇش ئايروپىلانى قونالايدىغان چوڭلۇقتا ئىكەن.

ئەينى ۋاقىتتا خىتايلار بۇ كېمىنى ئەسكىرى مەقسەت بىلەن ئىشلەتمەيمىز دېگەندە تۈركىيە نېمىشقا ئىشەندى؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ خىتايلارنىڭ بۇ خىل ۋەدىسىدە تۇرماسلىقتەك تاشقى سىياسىتى دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بىلىنەمدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋەرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزدۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.