ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە تۈرك مىنىستىر بىلەن سۆھبەت


2008.01.17

1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن بېرى، تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرگە مائارىپ جەھەتتىنمۇ كۆپ ياردەملەرنى قىلماقتا. ھەر يىلى تۈركىي مىللەتلەردىن كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئوقۇتماقتا. بۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ رەسمى بولمىغان يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇماقتا. ئەمما تۈركىيىدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشسىز قالماقتا. تۈركىيە 200-300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە تۈركىي مىللەتلەردىن يىلدا 40-50 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ساندادۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلاردىن ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن ئاز. بىز ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ دوكتور ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچار بولماقتا ئىكەن. يۇقىرىدىكى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىر تۈركىيە پارلامېنتى مائارىپ كومىتېتى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، سابىق مائارىپ مىنىستىرى مەمەت ساغلام ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

مەمەت ساغلام ئەپەندى ئوقۇش ھەققىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئەقەللى ھەقلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھېچقانداق كىشىنىڭ توسۇش ھەققى يوقلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئالىي مائارىپ باشقارمىسى باشلىقى، سابىق مائارىپ مىنىستىرى شۇنداقلا ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا مائارىپ كومىتېتى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مائارىپ يەنى ئوقۇش ھەققىنىڭ بىر ئىنسان ھەققى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ ھەقنىڭ بېرىلىشى ياكى ئېلىنىشى كېرەك دەپ بىر نەرسە يوق. ئىنسان ئانا قورسىقىدىن چۈشكەن ھامان نېمە ھەققە ئىگە بولسا، ئوقۇش ھەققىمۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ بار بولغان ئەقەللىي ھەقلەردىن بىرىدۇر. شۇڭا ئوقۇشنى خالىغان ھەرقانداق ئادەمگە توسالغۇلۇق قىلماسلىق ھەتتا ئۇلارنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئوقۇش ھەققىنىڭ بېرىلىشىنى، ئۇلارنىڭ مىللى مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى بېرىپ ئوقۇتىۋاتىدۇ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا چۈشىنىشى كېرەك. بىزچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مائارىپ ھەققىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ دۆلەتكە ۋە مىللەتكە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق ئىنسان بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بەزى سىياسىي ئەندىشىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى چەكلىمىگە ئۇچراتماسلىقىمىز كېرەك. دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەك.»

تۈركىيە پارلامېنتى مائارىپ كومىتېتى باشلىقى مەمەت ساغلام ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇشتىكى مەقسىدى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى يېڭى مۇستەقىل بولغاندا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشى ئۈچۈن ھەر دۆلەتكە 1500دىن سان بەرگەن ئىدۇق. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيىگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل ئوقۇش پۇلى ياردەملىرى بار. بىز 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل بولغان ۋە بولالمىغان پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن جەمئىي 10 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۇلى بېرىپ تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇشقا باشلىدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىلار 29 تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى. بىزنىڭ بۇ خىزمىتىمىز پۈتۈنلەي ئىنسانى ياردەم ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت ئىدى. بۇنى تۈركىيە پانتۈركىزم ياكى پانئىسلامىزمچى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ دېگەن دۆلەتلەر بار، بۇ كۆز قاراشلار ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ھىچ بىر زامان قورقماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ مەقسىتىمىز قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە مائارىپ جەھەتتىن ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.» مەمەت ساغلام ئەپەندى خىتاي دۆلىتى ئەگەر تۈركىيىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشنى قوبۇل قىلسا تۈركىيىنىڭ ئوقۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشتە يامان نىيىتىمىز يوق. تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىنىڭ پەقەتلا ئۆزىگە پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، خىتاي دۆلىتىگە، ئۆز مىللىتىگىمۇ پايدىسى بار. بىزنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىز بار. شۇڭا خىتايلار قانۇنى يوللار بىلەن تۈركىيىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىشى كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت بېرىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئون مىڭلارچە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ئوقۇتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە كاناداغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئوقۇتىۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردە ئوقۇتۇشتىكى سەۋەبمۇ ئۆز مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيىدە ياكى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە ئوقۇپ يېتىشىشىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ بىردىن بىر مەقسىتىمىز قېرىنداش مىللەتلەرگە قابىلىيەتلىك ئىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشتىن ئىبارەت.»

سابىق مائارىپ مىنىستىرى مەھمەت ساغلام ئەپەندى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئەمما قولىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ باقمىدىم ئەمما شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئوقۇدۇم. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاڭلاتقان رومان، ھېكايە ۋە تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم، شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى بىلىمەن. شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئادەملەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇدۇم. خىتاي دۆلىتىگە يارىشىدىغان بىر شەكىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىنى بېرىشىنى تىلەيمەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمغا سالامىمنى يوللايمەن.» (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.