5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا

0:00 / 0:00

5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈن، غۇلجا ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدى. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى، نوپۇسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىدا شۇنداقلا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداش ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇنى ھەرقايسى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ، 500دىن ئارتۇق كىشى ئاڭلاپ، سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىزغىن چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئۇ يىغىن زالىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى. پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئەكىچىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقان ھامان مىكروفونىمىزنى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۇزىتىپ ئۇلارنىڭ تۇيغىلىرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. (ئەركىن تارىم)