تۈركىيە پارلامېنتىدە غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە قىلىنغان سۆز


2008-02-07
Share

5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدى. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى سۆز ئېلىپ، غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىدا شۇنداقلا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداش ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنى ھەرقايسى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ، 500دىن ئارتۇق كىشى ئاڭلادى. بۇ نۇتۇق نەخ مەيداندىن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى ترت3 قانىلىدىن تارقىتىلدى. بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىمىز.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5-فېۋرال 1997دە غۇلجا ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزگە چىقتىم. پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىلىرىدىن بىرىدۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ياۋرو ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولغان شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، 1 مىليون 6 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر تۇپراققا ئىگە. 1993-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 16 مىليون نوپۇسى بار بولۇپ، بۇنىڭ 62 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان 10 مىليون نوپۇس تۈركىي مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان. ئەپسۇسكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەڭ كۆپ سادىر بولىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. شۇڭا داۋاملىق ھالدا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.»

1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەندىن بېرى، يۈزلەرچە قوزغىلاڭ مەيدانغا كەلگەن. بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئەقەللى تەلەپلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قورال بىلەن جاۋاب بەرمەكتە، خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى سۆزىدە فېۋرال ئېيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاي ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ ئايدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«فېۋرال ئېيى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئايدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچىمەن. 5-فېۋرال 1997-يىلىدا ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى غۇلجا شەھرىدە قەدىر كېچىسىدە ئۆيىدە ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەر خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىغا ئاپىرىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىدا سوراققا تارتىلىش جەريانىدا تەن جازاسىغا ئۇچراپ ئۆلىدۇ. كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار كوچىغا يىغىلىپ ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ماڭىدۇ. توپلانغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ بارىدۇ. بۇ ئىنسانلار باشقا نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، پەقەتلا بۇ ھەقسىزلىكنى ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاياللارنى ۋە كىچىك بالىلارنى نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغۇزۇپ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىدۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى بۇ گۇرۇپپىغا ئوق چىقىرىدۇ. قولىدا تاياقمۇ يوق بۇ ئۇيغۇرلار ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. خىتاي قوراللىق كۈچلىرى غۇلجا شەھرىدىكى پۈتۈن ئائىلىلەرنى ئاختۇرۇپ، ئالدىغا كەلگەن ياشلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، ھەتتا قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن ياشلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. مەن بۈگۈن بۇ ۋەقەدە ۋاپات بولغانلارنى ئەسلەش ۋە بۇ ۋەقەنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن سۆزگە چىقتىم.»

پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى سۆزىدە غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئاسىيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق 4 دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورىزمنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا بولغان مەدەنىي ۋە دىنىي بېسىملىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2004-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان `ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ تېرورنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن قاچماقتا` ماۋزۇلۇق دوكلاتى ناھايىتى مۇھىمدۇر.»

پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«قىسقىسى كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا تېزلا كىشىلەر قىزىقىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى تۈرك دۇنياسىدا بۇ مەسىلىگە قىزىقىش ئازىيىپ كەتتى. بەزى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ مەسىلە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇ مەسىلە دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل قىلىش يوللىرى ئىزدىلىنىدىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى كۆزىتىش، بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ياشاۋاتقان تۇپراقلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.» (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت