0:00 / 0:00
تۈركىيە پارلامېنتى يەكشەنبە كۈنى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، تالاش - تارتىشتىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جازا قانۇنى تەستىقلىدى. جازا قانۇنىنىڭ تەستىقلانغان لاھىيەسىدە زىنانى جىنايەت سۈپىتىدە جازالاشقا دائىر قانۇن ماددىسى چىقىرىپ تاشلاندى. بۇ مەسىلە تۈركىيىدە ئوڭ ۋە سول قانات كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە پەيدا قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئانقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.