ياۋروپا پارلامېنتى تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا يېشىل چىراق ياقتى
2004.12.15
ياۋروپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، تۈركىيىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش سۆھبىتىنى باشلاش ۋاقتى بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ لاھىيىسىنى قوبۇل قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا، 262 ۋەكىل قارشى بىلەت تاشلىغان، 407 ۋەكىل تۈركىيىگە مۇزاكىرە ۋاقتى بېرىشنى قوللىغان.
تەكلىپ لاھىيىسىدە، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يولىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتىنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە، "ئەزالىق يولىدىكى مۇزاكىرىلەر ئۇزۇن بىر مۇساپىسىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى،" دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا "سۆھبەتنىڭ باشلانغانلىقى تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چوقۇم ئەزا بولۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،" دەپ ئەسكەرتكەن.
تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى، ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەكلىپ لايىھىسىدە، جەنۇبىي سىپرۇس كېمىلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش، ئىستانبۇلنىڭ ھەيبەلى ئارىلىدىكى خرىستىئان مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشغا يول قويۇش، ئەرمىنىيە بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئالەۋىلەرنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى تەۋسىيە خاراكتېرلىك بولۇپ، تۈركىيىگە سۆھبەت ۋاقتى بېرىش قارارىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۈمە كۈنى گوللاندىيىدە چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى چىقىرىدۇ. شۇڭا 17 - دېكابىر تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يولىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك كۈن بولۇپ قالىدۇ. (ئەركىن)