تۈركىيىدە چاناق قەلئە ئۇرۇشى خاتىرىلەندى
2005.04.24
24-ئاپرېل كۈنى تۈركىيىدە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق ئون دۆلەت چاناق قەلئە ئۇرۇشىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى داردانىل بوغۇزىدىكى بۇنىڭدىن 90 يىل ئىلگىرى ئىتتىپاقچى ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىققان جايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئون دۆلەتنىڭ بايرىقى ئېسىلغان.
مۇراسىمغا تېيىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
1915-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، كانادا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقچى ئارمىيىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىي تۇپرىقى ھېسابلانغان تۈركىيە قۇرۇقلۇقىغا چاناق قەلئە ئارقىلىق چىققان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باتۇرلارچە قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. تۈرك جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ۋە زور قۇربان بېرىش بەدىلىگە ئىتتىپاقچى ئارمىيە ئىچكىرىلەپ كىرەلمەي توسۇلۇپ قالدى. بۇ ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپتىن 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قۇربان بولغان . ئەنگىلىيە 21 مىڭ ، فرانسىيە 9 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان. ئىلگىرى بۇ ئۇرۇشتا پەقەت ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زىلاندىيىنىڭلا بەدەل تۆلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسا، بۇ قېتىم ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىنىڭمۇ زور ئادەم چىقىمى تارتقانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.
8 ئايغا سوزۇلغان چاناق قەلئە ئۇرۇشى تۈركلەرنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۆز تۇپرىقىنى قوغدىشىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش تۈرك خەلقىنى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)