تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشمەكتە


2006.10.13

جۈمە كۈنى تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى، ئەرمەنىستان چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ تۈركىيە تەرەپكە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈن ئاۋۋال فرانسىيە پارلامېنتنىڭ ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىچىلىقى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشى بىلەن، تۈركىيە ‏- ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان. فرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارارغا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمانلى تۈركلىرى دەۋرىدە ئەرمەنىلەرنىڭ قىرغىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلىش جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيە، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ تېررىتورىيىسىنى ئىشغال قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 1993‏- يىلى ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، بۇ دۆلەت بىلەن چېگرىسىنى تاقىۋەتكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولۇپمۇ ئەرمىنىلەرنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا بىر يېرىم مىليون ئەرمەنىنىڭ تۈركلەرنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسدىكى مۇددىئالىرى تۈپەيلى داۋاملىق يىرىك بولۇپ كەلگەن.

ئەرمەنىلەر، 1915‏- يىلىدىن 1923‏-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىر يېرىم مىليون ئەرمەنىنىڭ تۈركلەرنىڭ قىرغىچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما تۈركىيە بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئەرمىنىلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى باشلىتىپ، تۈركلەرگە قارشى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

10‏- ئاينىڭ 12‏-كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى بىر قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركلەر تەرىپىدىن ئەرمىنىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشنى جىنايەت دەپ بېكىتتى.

فرانسىيە پارلامېنتنىڭ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فرانسىيىگە قارشى قانداق تەدبىر ئېلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.