تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي باشلاندى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل، تۈركىيىنىڭ ئەزالىقىغا دائىر مۇزاكىرە لاھىيىسىدىكى ئىختىلاپلار بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ 42 يىلدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزالىق سۆھبىتىنى رەسمى باشلىغان بولدى.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك ستراۋ، تۈركىيە بىلەن ئەزالىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشىنى " تارىخ يازدۇق" دەپ تەرىپلىگەن. ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى.
ئابدۇللا گۈل ، شۇ كۈنى جەك ستراۋ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئوللىي رېھن بىلەن بريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، " تۈرك تىلى يېقىندا ياۋروپا تىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ،" دېدى. ئۇ، تۈركىيىنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
جەك ستراۋ، " تۈركىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېلىش ھازىرقى سەزگۈر دەۋردە ئىككى چوڭ دىننى بىر ئارىغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. توقۇنۇشنىڭ مەدەنىي ئىنسانلاربىلەن مەدەنىيەتنى يوقىتىش نىيىتىدىكى ئاز بىر قىسىملار ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)