تۈركىيىدە ئىككى بالا قۇش زۇكام بىلەن قازا قىلدى
2006.01.08
تۈركىيىدە ئىككى بالا قۇش زۇكام كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. بۇ شەرقىي ئاسىيانىڭ سىرتىدىكى رايوندا قۇش زۇكام كېسىلى بىلەن قازا قىلغان تۇنجى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر باياناتچىسى تۈركىيىنىڭ ۋەن شەھىرىدە قازا قىلغان بۇ ئىككى بالىنىڭ بىرى بەش ياشتا يەنە بىرىنىڭ 8 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ بالىلار ھەققىدە بۇنىڭدىن باشقا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىدە ھازىرغىچە 10 كىشىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە يەنە 3 كىشىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان. ئۇلار ھازىر جىددىي داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسى كىچىك بالا ئىكەن.
تۈركىيىدە قۇش زۇكىمى تارالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 12 مىڭدىن ئوشۇق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولغان. نۆۋەتتە تۈركىيىدە قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى تۈركىيىدىكى خوشنا دۆلەتلەرنى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۆتكەنكى يىلدىن بۇيان ئاسىيادا تارالغان قۇش زۇكىمى 75 كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قۇش زۇكىمى تۈركىيىدە يەنە بىر جان ئالدى
- تۈركىيىدە ئىككى كىشى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- خىتايدا يەنە قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى مەبلەغ ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى