تۈركىيە رەھبىرى ئابدۇللا گۈلنىڭ ئازەربەيجان سەپىرىدە تۈركىيىنىڭ بارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ۋىزاسىز ھالدا تۈركىيىگە كىرىپ چىقىشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى مەسىلىگە ئائىت ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان دوكلاتىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق مەخسۇس تۈركىي دۆلەتلەرگە قاراتقان ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنىڭ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىدىكى چوڭ مەسىلە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئابدۇللا گۈل مەزكۇر مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەنقىدىگە پىسەنت قىلمىغان.
پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل "قېرىنداش ئەللەر ئارىسىدا خۇددى ئېنگىلىز تىللىق دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى دېگەنگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ھەمدوستلۇقىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ بولماسلىقى لازىم" دەپ كۆرسىتىپ، تۈركىيىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداش تۈركىي دۆلەتلەرگە قاراتقان ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇللا گۈل بۇ قېتىم تۈركمەنىستان، قازاقىستانلارنى زىيارەت قىلماقچى، ئۇ يەنە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستان ھەم قىرغىزىستانغا بېرىشنى پىلانلىغان.
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ. " بىز تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر بىلەن 1990 - يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ رومانتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدۇق. بىز ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەرنى باشلىشىمىز لازىم " دەپ تەكىتلىگەن. (ئۈمىدۋار)