تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەننىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى داۋام قىلماقتا. كۇرشات تۈزمەننىڭ 150 تۈرك كارخانىچى بىلەن شاڭخەي ۋە بېيجىڭدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىگە تۈرك مەتبۇئاتلىرى كەڭ كۆلەمدە يەر بەرمەكتە.
تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خىتاي تىجارەت مىنىستىرى بو شىلەي بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتا ئىكى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارى مۇناسىۋەت مۇزاكىرە قىلىنغان.
"ھۆرۈرىيەت" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي تىجارەت مىنىستىرى بو شىلەي سوز قىلىپ بىز تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تىجارى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئالدۇق. تۈركىيىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ تاموژنا بېجىنى چۈشۈردۇق، دېگەن. ئۇ يەنە، 2004 - 2005 يىلىدا تۈركىيىگە ساياھەتكە بارغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ 85% جىقلىغانلىقىنى، 2010 - يىلىدا 50 مىليون، 2020 - يىلىدا بولسا 100 مىليون ساياھەتچىنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغانلىقىنى، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايلارغا ۋىزىدا ئاسانلىق يارىتىپ بەرسە، تېخىمۇ كوپ خىتاي ساياھەتچىنىڭ تۈركىيىگە باردىغانلىقىنى دېگەن.
تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن بولسا، تۈركىيىنىڭ خىتايدىن يىلدا 9 مىليارد دوللارلىق مال ئېلىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا بولسا پەقەتلا 650 مىليون دوللارلىق مال سېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ تىجارەتتىن تۈركىيىنىڭ ئىزچىل زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ تۈركىيىدىن تېخىمۇ كوپ مال ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
كۇرشات تۈزمەننىڭ بۇ زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارى مۇناسىۋەتنى يولغا سالارمۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.