20 يىلدىن بېرى، تۈركمەنىستاننى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف ئۆلدى. تۈركمەنىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى، تۈركمەنىستان خەلقىغە ئۆزىنى "تۈركمەن باشى" يەنى پۈتۈن تۈركمەنلەرنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتاتقان 66 ياشتىكى نىيازوفنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈرەك سوقۇشى توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەپەر مۇرات نىيازوف 1985- يىلىدىن بېرى تۈركمەنىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ئۇ چاغدا تېخى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانمىغان بولۇپ، تۈركمەنىستان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتى ئىدى. 1991- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركمەنىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان نىيازوف، تۈركمەنىستاندا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق سىسىتېمىسى قۇرۇپ، بۇ دۆلەتنى سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ قاتتىق قول بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بىر جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندۇردى.
پۈتۈن سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ يەككە ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن نىيازوف، تۈركمەنىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى. ھەتتا ئاي ۋە كۈنلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئاي ۋە كۈنلەرگە ئۆزىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ ئىسمىنى بەردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى پرېزىدېنت نىيازوفنىڭ ھاكىمىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ستالىننىڭ ئۆلۈمى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت خەلقى ئۈچۈن قانداق تەسىر قالدۇرغان بولسا، 20 يىلدىن بېرى تۈركمەنىستاننى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن نىيازوفنىڭ ئۆلۈمى، تۈركمەنىستان خەلقىغە ئوخشاش تەسىرات قالدۇرۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە. (قانات)