21-دېكابىر كۈنى ۋاپات بولغان تۈركمەن پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ، 24- دېكابىر كۈنى ئۆز يۇرتى قىپچاق يېزىسىغا دەپنە قىلىندى.
رۇسىيىنىڭ strana.ru ئۇچۇر تۆرىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەپەر مۇرات نىيازوپ قىپچاق يېزىسىدىكى "تۈركمەن باشى روھى" دەپ ئاتالغان ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى 100 مىليون دوللار خەجلەپ سالدۇرغان مەچىتنىڭ يېنىدىكى زاراتكارلىققا، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئىسلامىي قائىدە-يوسۇن بىلەن دەپنە قىلىنغان ئىكەن. دۆلەتتە يەتتە كۈن ماتەم تۇتۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، دەپنە مۇراسىمغا تۈركىيە، ئىران، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
ھازىر دۆلەتنى مۇئاۋىن باش مىنىستىر قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپ ۋاقىتلىق باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تۈركمەن باشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن بولغان. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئىزىنى بەسىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق تۈركمەنىستاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ جۈملىدىن ھوقۇق ئۈچۈن بولىدىغان كۈرەشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشەمكتە.
تۈركمەن باشى دۆلەتنى 21 يىل باشقۇرغان بولۇپ، ھەر قانداق ئۆكتىچىلىككە يول قويمىغان.(ئۈمىدۋار)