تۈركمەنىستان خىتايدىن تۆمۈر يول ئىشلىرىغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزمەكچى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇراد نىيازوف دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بىر شىركىتىدىن 130 مىليون دوللار قىممىتىدىكى تۆمۈر يولغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش توختىمىغا ئىمزا قويدى.

تۈركمەنىستان پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پايتەخت لوڭجى تېخنىكا شىركىتى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۈركمەنىستاننىڭ تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىگە تۆمۈر يولدا ئىشلىتىلىدىغان پاراۋوز، ۋاگون قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يۆتكەيدىكەن.

مەزكۇر سودا تۈركمەنىستان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نامايەندىسى بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلار، تۈركمەنىستاننىڭ نۆۋەتتە ئىقتىساتتا رۇسىيىگە بېقىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)