رۇسىيىنىڭ ئىتار-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوپ، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇرىيەت مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ 3 دىن 2 قىسىمىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پرېزىدېنت نىيازوپ ھازىر تۈرمىلەردە 12 مىڭ 282 ئادەمنىڭ يېتىۋاتقانلىقى، 8 مىڭ 145 ئادەمنى ئازاد قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى ئادەت قىلغان بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىنغانلار قۇرئانى كەرىم ۋە سەپەر مۇرات نىيازوپ يازغان " رۇھنامە"نى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي جىنايەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستان 9 مىڭ ئادەمنى كەچۈرۈم قىلغان. ئەمما، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى يەنىلا دۇنيادىكى دىكتاتۇرلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا، ئۇ ئۆزىگە "تۈركمەنلەرنىڭ بېشى"، "تۈركمەنىستان قەھرىمانى" دېگەندەك ناملارنى بەرگەندىن سىرت يەنە پۇللارغا ئۆزىنىڭ رەسىمى قۇيدۇرغان، ھەممىلا جايغا ئۆزىنىڭ رەسىمىنى ئاسقان بولۇپ، ئۇنى تەنقىد قىلغان ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق جازالىغان. (ئۈمىدۋار)