تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي كېلەر يىلى مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوف چارشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ كېلەر يىلى خىتاي بىلەن مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىيازوفنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ سودا كېلىشىمى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، كېلىشىم يەنە، تۈركمەنىستاننىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ، خىتايغىچە تۇتاشتۇرۇلغان گاز تۇرۇبىسىنى قۇرۇش مەزمۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي ئارىسىغا سېلىنىدىغان بۇ گاز تۇرۇبىسىنىڭ يىلىغا 30 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەش ئىقتىدارى بولىدىكەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجى جىددىي ئېشىۋاتقان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن سىرت يەنە، دىققىتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى رۇسىيىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مول نېفىت بايلىقىغا ئىگە بولغان تۈركمەنىستانغا تىككەن.

بۇ يىل 7 -ئايدا تۈركمەنىستان خىتاي بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تۈزگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا خىتاي ھەتتا تۈركمەنىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ناھايىتى تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن 24 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بەرگەن ئىدى.

تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم نېفىت بازىسى بولۇپ، ئۇكرائىنىيە ئۆزىنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ 45% ئىنى تۈركمەنىستاندىن سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئۇكرائىنىيە بۇنىڭدىن كېيىن تۈركمەنىستاندىن سېتىۋالىدىغان نېفىت مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ 2006 - يىلى 39 مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە تۈركمەنىستاندىن 7 مىليارد كۇپ مېتىر، ئىران بولسا 8 مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت سېتىۋالماقچى. (پەرىدە)