تۈركمەنىستان پارلامېنتى 11-فېۋرال كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركمەنىستان پارلامېنتى ھېسابلىنىدىغان خەلق مەسلىھەتى 26- دەكابىر كۈنى پەۋقۇلئاددە يىغىن ئېچىپ، پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى بېكىتتى ۋە 11-فېۋرال كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن "سترانا.رۇ" نىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا. دەسلەپكى قەدەمدە پارلامېنت 11 ئادەمنى پرېزىدېنت نامزىتى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قۇربان گۈل بەردىمۇھەممەدوپمۇ بار ئىكەن.

خەلق مەسلىھەتى بىردەك ھالدا سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەردىمۇھەممەدوپنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ 21- دەكابىر كۈنى سەپەر مۇرات نىيازوپ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن تارتىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇپ كەلمەكتە.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شىۋىتسىيە پاناھلىقتا تۇرىۋاتقان تۇركمەنىستانۆكتىچى ۋەتەن پارتىيىسى ھەمدە ئۇكرائىنىيىدىكى تۈركمەنىستان دېموكراتىك كۈچلىرى ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ پرېزىدېنت نامزىتىنى كۆرسىتىشكەن بولۇپ، ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ باشلىقى، ئورازوپ پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

سەپەر مۇرات نىيازوپ تۈركمەنىستاندا پەقەت بىرلا پارتىيىنى يەنى ئۆزى قۇرغان تۇركمەنىستان دېموكراتىك پارتىيىسىنى قانۇنلۇق پارتىيە دەپ بېكىتكەن بولغاچقا باشقا ھەر قانداق ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلار بۇ جۇمھۇرىيەتتىن قوغلىنىشقا ياكى پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر تۈركمەنىستاندا يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئۆكتىچىلەر تۈركمەنىستاننىڭ نىيازوپ دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بەردىمۇھەممەدوپ، سايلامنىڭ "بۈيۈك رەھبەر قۇرغان دېموكراتىك ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بەردىمۇھەممەدوپنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقۇنى بىلدۈرۈشمەكتە.

دىكتاتورلۇق بىلەن ئەيىپلەنگەن سەپەر مۇرات نىيازوپ 21-دەكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)