تۈركمەنىستاندا سەپەر مۇرات نىيازوپ ئۈچۈن يەنە بىر ھەيكەل تۇرغۇزۇلماقچى
2006.12.31
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ يەنى تۈركمەنلەرنىڭ رەھبىرى مەنىسىنى بېرىدىغان تۈركمەن باشى ئۈچۈن يەنە بىر ھەيكەل ئورنىتىلىش قارار قىلىنغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەيكەل تۈركمەنىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىناسى ئالدىغا ئورنىتىلىش قارار قىلىنغان. مەزكۇر ئىككى بىنا سەپەر مۇرات نىيازوپ ھايات ۋاقتىدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، 2007-يىلى 19-فېۋرال كۈنى تۈركمەن باشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى رەسمىي پۈتىدىكەن.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركمەنىستاندا سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھەيكەللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ سانى نامەلۇم ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى ئاشخابادتىكى مەركىزىي مەيدانغا جايلاشقان 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، بۇنىڭغا 15 مىليون دوللار كەتكەن.
كىشىلەر مەرھۇم تۈركمەن باشىنى شەخسىگە چوقۇنۇشنىڭ سىمۋولى بولغان ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭلارغا ئوخشىتىدۇ.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركمەنىستان پارلامېنتى 11-فېۋرال كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى
- تۈركمەنىستاندا ھوقۇق كىمنىڭ قولىغا ئۆتۈشى مۇمكىن؟
- تۈركمەن باشى دەپنە قىلىندى
- تۈركمەنىستان مۇۋەققەت پرېزىدېنتى تۈركمەن باشىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- تۈركمەنبېشى سەپەر مۇرات نىيازوۋنىڭ ۋاپاتى تۈركمەنىستاندا قانداق ئۆزگىرىشلەرگە يول ئاچىدۇ؟