تۇركمەنىستان ئىنتېرنېتنى قويۇۋېتىشى مۇمكىن


2007-01-07
Share

تۈركمەنىستان ئا 11-فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى باشلانغان بولۇپ، 6 ئادەم پرېزىدېنت نامزىتى بولغان.

11- فېۋرالدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى 26- دېكابىر كۈنىدىكى پارلامېنتنىڭ جىددىي يىغىنىدا قارار قىلغان بولۇپ، مانا ئەمدى نامزاتلار يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ ئەڭ كۈچلۈك نامزات بولۇپ، ئۇ دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدىن ئۇنىڭ باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قۇربانگۈلبەردى مۇھەممەدوپ، ئەگەر ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولسا، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە نەپىقە تۈزۈمىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇ يەنە مائارىپ ئىشلىرىنى ياخھسىلاشقىمۇ ۋەدە بەرگەن.

سەپەر مۇرات نىيازوپ دەۋرىدە تۈركمەنىستان ئىنتەرنەت كونتورل قىلىنغان مەملىكەت بولغاچقا تۇركمەنىستان پۇقرالىرىنىڭ ئىنتەرنەت ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىن خەۋەر تېپىشى قامال قىلىنغان ئىدى. كىشىلەر تۈركمەنىستاننىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلارغا ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت